Men we omur 作词 : Mr.Perman/Mirzat murat 作曲 : Mr.Perman/Zayida Jappar 编曲 : Mr.Perman 混音/母带:Mr.Perman 配音演员:Mirzat murat Mirzat murat : ھەربىر ئىنسانىڭ ھىكايىسى بولۇدۇ ھىكايە ئاڭلاش بىلەن خوشۇڭ يوقما ئۇنداق قىمما مەن ساڭا بىر ھىكايە ئىتىپ بىرەي زەن سېلىپ،ئاڭلا چۈنكى بۇھېكايىنىڭ ئىچىدە سەنمۇ با Mr.Perman: بۇكۆڭۈلگە داۋا ئىزدەپ شام ياققان بۇ كېچە جاۋابى يىشىلمەس تۈگۈنلەرگە ھەتتا تۈنلە ئۇلۇشۇپ كەتكەن سەۋەبى كىم دەپ نالە ئۇرۇپ تۆت تام ئىچىدە قاقشاشلامۇ . باغرى يۇمشاق بۇ كۆڭلۈم بىلەن نەچچە رەت چاچ يۇلۇشۇپ كەتكەن . تۇنجى رەت يالغۇز تولتۇرۇپ يىغلاپ كەتكىنىم بۇ دۇنيامۇ ھەتتا مەن بىلەن پاراڭ سېلىشقىمۇ ۋاقتى يوق ، تۇنجى قېتىم زەربە يەپ بىر ئىستاكان قايناق سۇغا زار ئىدىم لىكىن شۇنىمۇ بىر قۇيۇشقىمۇ مادار يوق بەزىدە ئانچە مۇنچە يېقىنلىرىم دەككەمنى بېرىپ قويسا ئويلايتتىم توغرا بۇلا مەندەك مەن ئەمەستە ھېلىدىن ھېلىغا خىيالغا چۆكتۈم تۇنجۇقتۇم چىقالمايتتىم زىدىيىتىم ئوت مەندىكى ياش بىلەن باش تەڭ ئەمەستە سىزىق چېكىت پەشكە تولغان بىر ئاددىي جۈملىمۇ نۇرغۇن ئاچچىق قىسمەت كەينىگە بىر ئۈندەشنى زورلاپ كەتكەن ھەرتىلەپ غەمدان ئىچىگە سولىنىپ قەلىپ سىرنى خورلاپ مىسال پۈتۈپ مەندەك دەرتمەننى دەرتكە قويۇپ كەتكەن Mirzat murat : ھە ، ئۇياق بۇياققا قارىما گېپىمنى ئوبدان ئاڭلا سېنىڭ كەتكىنىڭ ماڭا كۈلپەت بولۇدۇ سەن يوق شەھەردە بىر توپ ناتونۇشلار ماڭا ئۈلپەت بولۇدۇ يەنە شۇ سورۇندا سەن توغرۇلۇق سۆھبەت بولۇدۇ شۇنداق ، قىلىپ بۇ ياشلىق ئۆتۈپ كېتىدۇ . Mr.Perman: توغرا ئەپ كەتكەن ، بارچە ئازاب دەرتكە قويۇپ ھەممىنى ئەپ كەتكەن . ياشلىقىمداياشتىمغۇ دىمەي ئىچىمدىكى ئاچچىق تېشىمغا تېپىپ كەتكەن ھېلىقى نېمۇ توغرا زىيان شۇنىمۇ چەكتۈرەگە بىرەرسى يوق ئۆزۈمگە ئۆزەم ئۆگىتىپ كەتكەن ئۆزۈمنىڭكىنى راست قىلدىم راست قىلىمەن چۈنكى, تالاي خەقنىڭكىنى راست قىلىپ . بۇ تەستەك يەپ كەتتى . بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالىمەن يىغلىسام دادام بار ئىدى . قۇچىقىدا ئەركىلىتىپ مېنى ئېغىزىمغا ، نان چاينايتتى . ئاپام مەكە دەيتى ئۇنىمىغانغا زورلايتتى . شۇڭا دادام بىرەر ۋاق چاينىمۇ خاتىرجەم ئىچەلمەيتتى . ئاستا ئاستا چوڭ بولدۇم شۇ قۇچاقتىن مەھرۇم بولدۇم . دادام تامچى ئۆز ئالدىمغا دەپ ئۆزۈمگە بىر ئۆي سالدۇردۇم . كۈندە كۈندە شۇ ئۆيدە مەن يالغۇزلۇققا مەھكۇم بولدۇم . تالا تۈزدىن بىخەۋەر سىز تالاغىمۇ چىقىپ بولدۇم نەقەدىرلىك تولۇپ كەتكەن شۇ چاغلارغا قايتقۇم كېلىدۇ . بۇ قەلەمنى دەرتكە ئەمەس ، خۇشاللىقىمۇ قاتقۇم كېلىدۇ . ئازابىمغا كەتمەن سېلىپ يىلتىزدىن ئاغدۇرۇۋەتكۈم كېلىدۇ كۆرىمەن قېنى بىر كۈنى شام ياقماس كەچمۇ كېلىدۇ . Mirzat murat : ھېكايىمىز تۈگىدى . ئۆزۈڭنى تاپالىدىڭمۇ ھە ، ئۆزۈڭنى تاپالىدىڭمۇ . ئۆزۈڭنى تاپالىدىڭمۇ .